دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 113 مىليوننى ئارقىدا قالدۇردى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 508 مىڭ 940 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 113 مىليون 101 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 88 مىليون 723 مىڭدىن ئاشتى.

1590566
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 113 مىليوننى ئارقىدا قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 518 مىڭ 363 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئامېرىكادا، يۇقۇملانغانلار سانى 28 مىليون 974 مىڭ 620 دىن ئاشتى.

كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ تارقىلىشچان ۋە خەتەرلىك تۈرىنىڭ بايقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا ئىدارىسى (FDA) «جونسون ۋە جونسون» (JohnsonandJohnson) دورا شىركىتى تەرىپىدىن ياسالغان ۋاكسىنانىڭ «بىخەتەر ۋە ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى» ئىكەنلىكى، ۋىرۇسقا قارشى قوغداش نىسبىتىنىڭ %66 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

فايزېر (Pfizer)، مودېرنا (Moderna) ۋە «جونسون ۋە جونسون» شىركەتلىرى مارت (2021) ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە 240 مىليون شىشە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوخشىمىغان بەش دورا شىركىتى بىلەن تەخمىنەن 600 مىليون كىشىگە يېتىدىغان 1 مىلياردتىن كۆپ ۋاكسىنا توختامنامىسى ئىمزالىدى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 442 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 9 مىڭ 938 كىشى يۇقۇملاندى. دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 121 مىڭ 747 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىليون 144 مىڭ 577 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 318 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 96 مىڭ 666 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 16 مىڭ 424 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 848 مىڭ 564 كە چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 277 كىشى ئېشىپ 85 مىڭ 321 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 31 مىڭ 519 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 3 مىليون 661 مىڭ 410 غا چىقتى.

فىرانسىيەدە يۇقۇمنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىدا يۇقۇملانغان، ئەمما كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بەزى سەھىيە خادىملىرىنىڭ خىزمەتچىلەر سانى ئاز بولۇش ۋە مۇكاپاتتىن ئەنسىرەپ داۋاملىق خىزمەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىسپانيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 389 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 68 مىڭ 468 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 9 مىڭ 212 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 3 مىليون 170 مىڭ 644 كە چىقتى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 50 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 16 مىڭ 136 گە؛ 1 مىڭ 480 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 800 مىڭ 586 گە چىقتى.

دانىيەدە 2020-يىلى دېكابىر ئېيىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرى 1-مارت (2021) تىن باشلاپ قەدەممۇ قەدەم بوشىتىلىدۇ.

بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 428 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 249 مىڭ 957 گە چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىڭ ئالتە كىشى ئېشىپ 182 مىڭ 815 كە چىقتى.

ئارگېنتىنادا يېقىنقى بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 141 كىشى ئېشىپ 51 مىڭ 650 كە چىقتى.

كولومبىيەدە يېقىنقى بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 142 كىشى ئېشىپ 59 مىڭ 260 قا چىقتى.

چىلىدا يېقىنقى بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 22 كىشى ئېشىپ 20 مىڭ 173 كە چىقتى.

ئېكۋادوردا يېقىنقى بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 67 كىشى ئېشىپ 15 مىڭ 634 كە چىقتى.

بولىۋىيەدە يېقىنقى بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 39 كىشى ئېشىپ 11 مىڭ 547 گە چىقتى.

كولومبىيە ئاسترازېنېكا (AstraZeneca) شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى ئەملەشنى تەستىقلىدى. بۇنىڭ بىلەن، كولومبىيەدە خىتاينىڭ سىنوۋاك شىركىتى ياسىغان «كوروناۋاك» (CoronaVac) ۋاكسىناسى بىلەن فايزېر ۋە بىيونتېك شىركىتىنىڭ ۋاكسىناسىدىن كېيىن تەستىقلانغان ئۈچىنچى ۋاكسىنا بولۇپ قالدى.

بۇلغارىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرى بوشىتىلىدۇ. ھۆكۈمەت 1-مارتتىن باشلاپ رېستورانلارنىڭ، 1-ئاپرېلدىن باشلاپ كۆڭۈل ئېچىش ماكانلىرىنىڭ ئېچىلىشى قارار قىلىندى. ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 9 مىڭ 978 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بۇ دۆلەتتە، يېقىنقى بىر كۈندە 800 كىشى يۇقۇملاندى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 124 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 17 مىڭ 106 كىشى يۇقۇملاندى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 156 مىڭ 742 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى بولسا 11 مىليون 46 مىڭ 432 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 12 مىڭ 708 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 574 مىڭ 580 كىشى يۇقۇملانغان پاكىستاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ دائىرىدە، سودا-سېتىق مەركەزلىرى، بازارلار ۋە كۆڭۈل ئېچىش باغچىلىرى ئۈچۈن قويۇلغان ۋاقىت چەكلىمىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن يەرلىك سايلاملارنىڭ ماي ئېيىنىڭ ئاخىرى ياكى ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

لىۋىيەدە 23 كىشىدە ئەنگلىيەدە كۆرۈلگەن يېڭى تۈر ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى قەيت قىلىندى. يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 24 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 561 كىشى يۇقۇملاندى.

قازاقىستاندا 1-مارتتىن باشلاپ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى بوشىتىش قارار قىلىندى. 1-مارتتىن باشلاپ قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان ئۇچۇش سانى تۆت سەپەر كۆپەيتىلىدۇ.

قازاقىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2 مىڭ 718 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. يېقىنقى بىر كۈندە يۇقۇملانغانلار سانى 753 كىشى ئېشىپ 209 مىڭ 562 گە چىقتى.

نىگېرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 874 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 153 مىڭ 187 كىشى يۇقۇملاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر