دىكتاتور فرانكونىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەيكىلىمۇ ئېلىپ تاشلاندى

ئىسپانىيەنى 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت بويىچە دىكتاتۇرا تۈزۈم بىلەن باشقۇرغان فىرانسىسكو فىرانكونىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەيكىلىمۇ ئېلىپ تاشلاندى.

1590413
دىكتاتور فرانكونىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەيكىلىمۇ ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەدە 2007 – يىلى چىقىرىلغان تارىخىي خاتىرە قانۇنى، فىرانكونىڭ بارلىق ھەيكەللىرى ۋە جايلارغا بېرىلگەن ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مەزمۇن قىلاتتى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە تاشلانغان ئاخىرقى قەدەم،  ئىسپانىيەنىڭ ئافرىقادىكى ئاپتونومىيە زېمىنى مېلىللادا تاشلاندى؛ 1978 – يىلى، يەنى فىرانكو ۋاپات بولۇپ ئۈچ يىلدىن كېيىن بۇ شەھەرگە تىكلەنگەن ھەيكەل ئېلىپ تاشلاندى.

1920 - يىلىدىكى رىف ئۇرۇشىدا ئىسپانىيە بىلەن ماراكەش قەبىلىلىرى ئۆزئارا توقۇنۇشقان بولۇپ، ھەيكەل ئەينى چاغدىكى ئىسپانىيە لېئونىغا قوماندانلىق قىلغان فىرانكونىڭ رولىغا سىمۋوللۇق قىلاتتى.

يۇقىرىقى قانۇنغا ئاساسەن، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى 9 - ئايدا سابىق دىكتاتورنىڭ يازلىق ئوردىسىنى ۋارىسلىرىدىن ئۆتكۈزۈۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر