ئېكۋادوردا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا 3 تۈرمىدە توپىلاڭ چىقىپ، 67 مەھبۇس قازا قىلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردىكى تۈرمىلەردە يۈز بەرگەن توپىلاڭلارغا ساقچىلارنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە، قازا قىلغان مەھبۇسلارنىڭ سانى 67 گە يەتتى.

1589514
ئېكۋادوردا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا 3 تۈرمىدە توپىلاڭ چىقىپ، 67 مەھبۇس قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ ئېكۋادور مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈرمىدىكى توپىلاڭنىڭ جىنايەتچى شايكىلار ئوتتۇرىسىدىكى رەھبەرلىك جېدىلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ۋە تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ئوخشىمىغان 3 شەھەردىكى تۈرمىلەردە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار تارماقلار گۇاياكۋىل، كۇئېنكا ۋە لاتاكۇنگا تۈرمىلىرىدىكى توپىلاڭدا قازا قىلغان مەھبۇسلار سانىنىڭ 67 گە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان كۆرۈنۈشلەردە، بىر قىسىم مەھبۇسلارنىڭ كاللىسىنىڭ كېسىپ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىرېزىدېنت لېنىن مورېنو تىۋىتتېردىكى باياناتىدا، «دۆلەتنىڭ ھەر قايسى تۈرمىلىرىدە جىنايەتچى شايكىلار بىرلا ۋاقىتتا زوراۋانلىق ھەرىكىتى قوزغىدى. بىخەتەرلىك قىسىملىرى گاياكۇئىل، كۇئېنكا ۋە لاتاكۇنگا تۈرمىلىرىدە بىخەتەرلىكنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كونتروللۇق شەكىلدە ھەرىكەتكە ئۆتتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر