رۇھانى: مۇزاكىرە ئۈچۈن ئىقتىسادىي تېررورلۇق توختىشى كېرەك

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئەھۋالدا مۇزاكىرە يولىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1590012
رۇھانى: مۇزاكىرە ئۈچۈن ئىقتىسادىي تېررورلۇق توختىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا، ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، بەزى ئىجابىي قەدەملەرنى باسقانلىقىنى، بىراق يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تېررورلۇقنى توختىتىشى كېرەك. بۇنى قىلغاندا يول ئېچىلىدۇ. ئۇ چاغدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن. يادرو كېلىشىمىگە ئىككى ماددىنىڭ قوشۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

ئۇ خەلقئارالىق ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى (UAEA) بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈستەلگە كېلىشنىڭ يولىنى ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر