نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 10 كىشى قازا قىلىپ، 47 كىشى يارىلاندى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىدە ئوخشىمىغان ئۈچ يەردە يۈز بەرگەن شىددەتلىك پارتىلاشلار ۋە قوراللىق ھۇجۇملاردا 10 كىشى قازا قىلىپ، 47 كىشى يارىلاندى.

1589565
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 10 كىشى قازا قىلىپ، 47 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بورنو ئۆلكىسىنىڭ مايدۇگۇرى شەھىرىدە گۋانگې، بۇلابۇلىن ۋە كالېرى قاتارلىق رايونلاردا شىددەتلىك پارتىلاش ۋە قوراللىق ھۇجۇملار يۈز بەرگەن. ھۇجۇم ۋە پارتلاشلاردا 10 كىشى قازا قىلىپ، 47 كىشى يارىلانغان.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پارتىلاش يۈز بەرگەن رايونلارغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام رايوندا پات پات ئوخشاش ھۇجۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، نىگېرىيە ئارمىيەسى بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق مارتې رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدە بوكو ھارامنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوننى تارتىپ ئالدى.

ھەرىكەتتە نۇرغۇن تېررورچىلار ئۇجۇقتۇرۇلدى ۋە بەزى تېررورچىلار يارىلانغان ھالدا قاچتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر