بايدىن بىلەن كازىمى تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا كازىمى تېلېفونلاشتى.

1589556
بايدىن بىلەن كازىمى تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك يازما باياناتىدا، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئامېرىكانىڭ ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ۋە باش مىنىستىر كازىمىنىڭ رەھبەرلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا: «ئىككى رەھبەر يېقىندا ئىراق ۋە بىرلەشمە ئارمىيە خادىملىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان راكېتامىيۇت ھۇجۇمى توغرىسىدا سۆزلەشتى ۋە ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تولۇق جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، بايدىن بىلەن كازىمىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگ» ئارقىلىق ئامېرىكا - ئىراق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان ئەربىل ئايرودۇرۇمى، ئالدىنقى كۈنى بولسا، باغدادتىكى ئالاھىدە كۈچلۈك مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتقان يېشىل رايون راكېتامىيۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.

رايوندىكى نۇرغۇن مەنبەلەر ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئىراننىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنى ئېنىقلاش تەكشۈرۈشىنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر