بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 496 مىڭ 900 دىن ئېشىپ كەتتى. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 112 مىليون 660 مىڭغا ۋە ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 88 مىليون 254 مىڭغا يەتتى.

1589653
بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 100 كىشى قازا قىلدى. 13 مىڭ 463 كىشى يۇقۇملاندى. ھىندىستاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 156 مىڭ 598 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 11 مىليون 29 مىڭ 326 گە يەتتى.

ياپونىيەدىكى كوۋىد-19 غا قارشى مەملىكەت مىقياسىدا يولغا قويۇلغان جىددىي ھالەتنى ئوساكا، خىيوگو، كيوتو ۋە ئايچى قاتارلىق ئۆلگىلەردە مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئىسرائىلىيەدە كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار  قىلغان ۋە ئاممىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا ئەملىنىشىگە قارشى چىققان بىر دوختۇرنىڭ بنېي براك شەھىرىدە كلىنىكا ئىچىشى ئۈچۈن بېرىلگەن رۇخسەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. دەرىجىدىن تاشقىرى ئورتودوكس يەھۇدىيلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋە نوپۇسى تەخمىنەن 210 مىڭ ئەتراپىدا بولغان بنېي براك شەھىرىدە ھەر  5 كىشىدىن بىرسىنىڭ كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

پەلەستىن ئىقتىساد مىنىستىرى خالىد ئەل ئۇسەيلى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئىبراھىم ئەلمۇلھەمنىڭ كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. پەلەستىندە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3 مىڭغا ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 199 مىڭ 769 گە يەتتى.

سېنېگال پىرېزىدېنتى ماككىي سال دۆلىتىنىڭ خەلىئارلىق ۋاكسىنا پروگراممىسى (COVAX) غا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ جەرياننىڭ ناھايىتى ئاستا مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرى باشلىنىپ بولغان بىر ۋەزىيەتتە، پىرېزىدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن (COVAX) ۋاكسىنالىرىنى كۈتۈپ تۇرايلايتتىم» دېدى ۋە خىتاي ئىشلەپچىقارغان تۇنجى ۋاكسىنا سىنوفارم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېلىشنى تاللىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر