يەھۇدىي ياشلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ پەلەستىنلىكلەردىن نەپرەتلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

ئىسرائىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناش نەتىجىسىدە، يەھۇدىي ياشلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ ئىسرائىلىيە پۇقرالىقىغا ئىگە پەلەستىنلىكلەرنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1589041
يەھۇدىي ياشلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ پەلەستىنلىكلەردىن نەپرەتلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس تۇرۇشلۇق ئىبرانىي ئۇنۋېرسىتىتى 16 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان 1100 ياشنىڭ قېتىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان جامائەت پىكىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن 7-ئايغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، راي سىناشقا قاتناشقان دەرىجىدىن تاشقىرى ئورتودوكىس يەھۇدىي ياشلىرىنىڭ 66% ى، دىندار يەھۇدىيلارنىڭ %42 ى، سېكولار يەھۇدىلارنىڭ %24 ى ئىسرائىلىيە پۇقرالىقىغا ئىگە پەلستىنلىكلەرنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دەرىجىدىن تاشقىرى ئورتودوكىس يەھۇدىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىندار  ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ %49 ى ۋە  سېكولار يەھۇدىلارنىڭ %23 ى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيە پۇقرالىقىدىن چىقىرىپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئىسرائىلىيەلىك سېكۇلار يەھۇدىي ياشلىرىنىڭ 23% ى بولسا، دەرىجىدىن تاشقىرى ئورتودوكىس يەھۇدىيلادىنمۇ نەپرەتلىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.

ئىسرائىلىيە پۇقرالىقىغا ئىگە پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 1 مىليون 900 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن %21 نى تەشكىل قىلىدۇ.

ئىسرائىلىيە پۇقرالىقىغا ئىگە پەلەستىنلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيەلەردىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكى گۇرۇپپىسىنىڭ 120 كىشىلىك پارلامېنتتا 15 پارلامېنت ئەزاسى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر