موسكۋا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ رۇس ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى سەۋەبلىك رۇسىيەنى جازالاش قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى.

1588726
موسكۋا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «سۈنئىي» باھانىلەرگە تايىنىپ چىقىرىلغان بۇ «ئەپسۇسلىنارلىق قارار»نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى — رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جازا قارارىنىڭ قايتا- قايتا تاشلانغان خاتا قەدەم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان رۇسىيە، ناۋالنىينى قويۇپ بېرىش چاقىرىقلىرىنىڭ «قانۇنسىز»، شۇنداقلا «بىمەنە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ بىر رۇسىيە پۇقراسى بولۇپ، ئىقتىسادىي جىنايەتلەر سەۋەبىدىن دۆلىتىمىزدىكى رۇس مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنىڭ داۋامىدا: «ئۇلتىماتوم، بېسىم ۋە جازا قاتارلىق قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە يىلتىز تارتقانلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارا سەھنىدە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىدىغان قۇتۇپ رولىغا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنماقتا، بىراق، بۇنىڭ شېرىكلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا قانۇنغا قەتئىي بويسۇنۇش دائىرىسىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر