مىسىردا بېلىقچىلار كېمىسى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

مىسىرنىڭ مانيۇرت كۆلىدە 17 كىشى ئولتۇرغان ئىككى بېلىقچى كېمىسىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1588739
مىسىردا بېلىقچىلار كېمىسى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسكەندەرىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئائىلىدىن 17 كىشى ئولتۇرغان ئىككى كېمە، بەدىۋىلەر ئادەتتە كەچلىك تاماق يېيىش ئۈچۈن بارىدىغان كىچىك بىر ئارالدىن قايتىشىدا، مانيۇرت كۆلىدە كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن، قازادىن كېيىن ھازىرغىچە 7 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان، ۋەقەدىن كېيىن، نەق مەيدانغا كۆپ ساندا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر