لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا قىلىنغان  سۇيىقەست پىلانلىق ھەرىكەتمۇ؟

لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فېتھى باشاغا ئۆزىگە قارىتىلغان سۇيىقەستنىڭ چوقۇم پىلانلىق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1589337
لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا قىلىنغان  سۇيىقەست پىلانلىق ھەرىكەتمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فېتھى باشاغا 21-فېۋرال تىرىپولىنىڭ غەربىگە جايلاشقان جانزۇر رايونىدىكى تۇرالغۇسىغا قايتىش  ئەسناسىدا ماشىنا ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە مەتبۇئاتلارغا بايانات بەردى.

فېتھى باشاغا جانزۇرغا كەلگەندىن كېيىن، بىر برونىۋىك يۈك ماشىنىسى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھۇجۇم ئەلۋەتتە تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىدى، بەلكى پىلانلانلىق ھەرىكەت ئىدى» دېدى.

فېتھى باشاغا قوغداش ئەترىتىنىڭ مەزكۇر ئاپتوموبىلنى ماشىنا ئەترىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىشى بىلەن بىر قوغلىشىش باشلانغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا ھۇجۇمچى ئاپتوموبىلنىڭ ئۆرۈلگەنلىكىنى ھەمدە خۇسۇسىي قوغدىغۇچىسىنىڭمۇ  يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فېتھى باشاغا ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن بىرسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ، قالغان ئىككىسىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ،  تەپسىلاتى ھەققىدە باشقا مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر