فىرانسىيەدە جامەنىڭ تېمىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى تۈز بەردى

فىرانسىيەدە قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان ئەيۇپ سۇلتان جامەسىنىڭ تېمىغا ئىسلامغا قارشى سۆزلەرنى يېزىش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىندى.

1588845
فىرانسىيەدە جامەنىڭ تېمىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى تۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام جەمئىيىتى مىللىي تەسەۋۋۇرى (IGMG) غا تەۋە جامەنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جامەنىڭ تېمىغا «ئىسلامغا ياق، دۆلىتىڭگە قايتىش!» دەپ يېزىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسلام جەمئىيىتى مىللىي تەسەۋۋۇرى (IGMG) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «بۇ ۋەقە فىرانسىيەنىڭ بۈگۈنكى زىيانلىق مۇھىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ» دېيىلدى.

ئەيۇپ سۇلتان جامەسى قۇرۇلۇشى تاماملانغاندا ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ جامەگە ئايلىنىدۇ.

ئوسمانلى بىناكارلىق سەنئەتىگە ئاساسەن 15 مو يەرگە ياسىلىۋاتقان بۇ جامە 3000 كىشىلىك ئىبادەت ئورنى، يىغىن زالى، مەكتەپ، كۇتۇپخانا، ئوقۇتقۇچىلار ئۆيى، رېستوران ۋە ھەدىيەلىك بويۇملار دۇكىنى قارتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جامەنىڭ يەنە 600 ئاپتوموبىل سىغىمچانلىقىغا ئىگە ماشىنا توختىتىش مەيدانى ۋە ۋېلىسىپىت ساقلاش ئورنى بولىدۇ.

ستراسبۇرگنىڭ دىنىي، بىناكارلىق ۋە مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىغا ئۆزگىچە رەڭ قوشۇش ئالدىدا تۇرغان بۇ جامەنىڭ  44 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قوش مۇنارىدىن باشقا يەنە، ئاساسلىق چوڭ گۈمبىزىنىڭ ئەتراپىدا 27 كىچىك گۈمبىزىمۇ بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر