ئىتالىيەنىڭ كونگودىكى باش ئەلچىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئاپتوموبىللىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىتالىيە باش ئەلچىسى لۇكا ئاتتاناسىيو بىلەن بىر ئىتالىيە ئەسكىرى قازا قىلدى.

1588446
ئىتالىيەنىڭ كونگودىكى باش ئەلچىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: « ئىتالىيەنىڭ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇكا ئاتتاناسىيو بىلەن بىر ئىتالىيە ئەسكىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە جەزملەشتۈرىمىز دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ باش ئەلچى ئاتتاناسىيو ۋە ئىتالىيە ژاندارما ئەترىتىنىڭ بىر ئەسكىرى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئاپتوموبىلىدا كېتىۋاتقاندا يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، ب د ت ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم جەريانىدا ئاپتوموبىلدىكىلەرنى گۆرۈگە ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر