ئامېرىكا تۇتقۇندىكى پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىران بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان، ئىراندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئامېرىكالىقلارنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدا تېھران بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1587987
ئامېرىكا تۇتقۇندىكى پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىران بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سۇللىۋان ئامېرىكا CBS قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يېقىندىن بۇيانقى ئامېرىكا- ئىران مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئىراندا قاماقتا يېتىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئېلىپ: «بىز بۇ مەسىلىدە ئىرانلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىنى باشلىدۇق، ئىران بۇ مەسىلىگە تېخى جاۋاب قايتۇرمىدى. بىز ئامېرىكالىقلارنىڭ ناھەق ۋە قانۇنسىز يوللار بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلمايمىز» دېدى.

جەيك سۇللىۋان يەنە، ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بايدىن ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمىنىڭ قايتىدىن رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن سۆھبەتنى باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر