خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرادىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش مۇساپىسىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئۇقتۇردى

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ھىمالايا تېغىدىكى چېگرا ماجىراسى يۈز بەرگەن لاداخ رايونىدىن چېكىنىش مۇساپىسى ئاخىرلاشتى.

1587962
خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرادىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش مۇساپىسىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»، ھىندىستان ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ پانگۇڭ كۆلى ئەتراپىدىن چېكىنىشنى تولۇق تاماملىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، باياناتتا، بۇ ھەرىكەتكە باشقا تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىشتىكى «مۇھىم ئىلگىرىلەش» دەپ باھا بېرىلگەن.

خەۋەردە، تەرەپلەرنىڭ ئالاقە ۋە دىيالوگنى ساقلاپ قېلىش، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە باشقا مەسىلىلەرنى ئۆزئارا قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان شەكىلدە ھەل قىلىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خىتاي ۋە ھىندىستان ئەسكەرلىرى 2020- يىلى 6- ئايدا لاداخ رايونىنىڭ گالۋان ۋادىسىدا توقۇنۇشقان ، ۋەقەدە 20 ھىندىستان ئەسكىرى قازا قىلغانىدى.

ئالدىنقى ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى دۆلەت ھەربىي ۋەكىللىرىنىڭ توققۇزىنچى قېتىملىق ئايلانما سۆھبىتىدە، چېگرادىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ، لاداخ رايونىنىڭ شەرقىدىكى رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش قارار قىلىنغانىدى .

ھىمالايا تېغى بىلەن قورشالغان خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىقسىز چېگرا لىنىيەسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا . ئېقىن سۇلار، كۆل، مۇزلۇقلار ۋە قارلىق چوققىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  3500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا تەرەپلەرنى دائىم ئۆزئارا قارىمۇقارشى ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر