دۇنيادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 يېرىم مىليونغا يېقىنلاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىليون 478 مىڭ 760 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 111 مىليون 988 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 87 مىليون 351 مىڭدىن ئاشتى.

1588252
دۇنيادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 يېرىم مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 511 مىڭ 133 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئامېرىكادا، يۇقۇملانغانلار سانى 28 مىليون 765 مىڭ 423 تىن ئاشتى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 215 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 9 مىڭ 834 كىشى يۇقۇملاندى. دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 120 مىڭ 580 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىليون 115 مىڭ 509 غا چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 232 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 95 مىڭ 718 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 13 مىڭ 452 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 809 مىڭ 246 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 160 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 84 مىڭ 306 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 22 مىڭ 46 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 3 مىليون 605 مىڭ 181 گە چىقتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە 72 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 13 مىڭ 704 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 156 مىڭ 418 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 11 مىليون 5 مىڭ 850 كە چىقتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 101 مىڭدىن ئاشتى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 3 مىليون 850 مىڭ 713 كە چىقتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى جەھەتتە جەنۇبىي ئافرىقا، ماراكەش، تۇنىس، مىسىر، ئېفىيوپىيە ۋە نىگېرىيە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. رىۋاندا، ماراكەش، ئالجىرىيە، مىسىر، سېيشېل ئاراللىرى، ماۋرىتىيۇس ۋە ئېكۋادور قاتارلىق دۆلەتلەر كەڭ كۆلەملىك ۋاكسىنا ئەملەشنى باشلىدى.

ياپونىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 7 مىڭ 417 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 424 مىڭ 507 كىشى يۇقۇملاندى. ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 5 مىڭ 800 ئوقۇغۇچىنىڭ 2020-يىلى ئاپرېلدىن دېكابىرغىچە بولغان مەزگىلدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختىغانلىقى ياكى چېكىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر