بېرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەت نامايىشچىلارغا تەھدىت سالدى

بېرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەت  «نامايىشچىلارغا قارشى ئەجەللىك كۈچ ئىشلىتەلەيدىغانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

1588009
بېرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەت نامايىشچىلارغا تەھدىت سالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى بېرمادا 1 فېۋرالدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە نارازلىق بىلدۈرۈۋاتقان نامايىشچىلار ئومۇمىيۈزلۈك ئىش تاشلاش چاقىرىقى قىلدى. ھەربىي ھاكىمىيەت بولسا،  «نامايىشچىلارغا قارشى ئەجەللىك كۈچ ئىشلىتەلەيدىغانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

نامايىشچىلارنى تەشكىللىگەن ئاممىۋىي ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى 22 - فېۋرالدا دۆلەت مىقياسىدا كوچىلارغا چىقىش ۋە «باھار ئىنقىلابى» نى باشلاش چاقىرىقىدا بولدى.

ھەربىيلەر قۇرۇپ چىققان دۆلەت ھاكىمىيىتى كېڭىشى، دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى «MRTV» دا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «نامايىشچىلارنىڭ توپىلاڭ ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك چاقىرىقىنى 22 - فېۋرالغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. نامايىشچىلار ئاممىنى، بولۇپمۇ ھېسسىياتچان ياش - ئۆسمۈرلەرنى ھاياتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بىر جېدەلگە سۆرىمەكتە» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

بېرما ئارمىيەسى ئۆزلىرىگە يېقىن سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ  2020-يىلى 8-نويابىردىكى سايلاملاردا ھىلە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن دۆلەتتە جىددىيلىك كۈچەيگەندىن كېيىن 1 - فېۋرالدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى.

ئارمىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ئاڭسان سۇ چى قاتارلىق نۇرغۇن مەسئۇللار بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنى نازارەتكە ئېلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

نامايىشچىلار بۈگۈنگە قەدەر تىنچ نامايىش دائىرىسىدە زوراۋانلىققا قارشى پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، 3 نامايىشچى بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر