بەدەخشاندا بىر ئالتۇن كان گۆمۈرۈلۈپ چۈشتى
ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخشان ۋىلايىتىدە بىر ئالتۇن كان گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1588464
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەدەخشان ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سانائۇللاھ رۇھانى راگىستان ناھىيەسىدىكى ئالتۇن كاننىڭ، توختىماي ياغقان قار ۋە يامغۇر سەۋەبىدىن گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، ۋەقەدە تۆت كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئافغانىستاندا يېتەرلىك دەرىجىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنماستىن ئېچىلغان كۆپ ساندىكى كانلاردا، ھەر يىلى ھەر خىل ۋەقەلەر سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئىشچى جېنىدىن ئايرىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.