ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرۇشلۇق بازىسىغا  كاتيۇشا راكېتاسى بىلەن ھۇجۇم قىلىندى

ئىراقنىڭ سالاھىددىن شەھىرىدە ئامېرىكا قىسىملىرىغا تەۋە بەلەد بازىسىغا 4 كاتيۇشا راكېتاسى ئېتىلدى.

1587564
ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرۇشلۇق بازىسىغا  كاتيۇشا راكېتاسى بىلەن ھۇجۇم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا ھەربىي بازىدىكى بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

پايتەخت باغداتنىڭ شىمالىغا 64 كىلومىتىر كېلىدىغان بۇ بازىدا، ئىراق ئەسكەرلىرىدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرنغا تەۋە ئەسكەرلەرنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر