ئامېرىكادا قورال دۇكىنىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە 3 كىشى قازا قىلىپ. 2 كىشى يارىلاندى
ئامېرىكانىڭ لۇئىسئانا ئىشتاتىدا قوراللىق بىر كىشى قورال دۇكىنىدا قالايمىقان ئوق چىقىرىپ. 3 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
1587548
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا «NBC» قانىلىنىڭ ساقچىلارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، يېڭى ئورلېئانس شەھرىدە قولىدا قورال كۆتۈرگەن بىر كىشىنىڭ قورال دۇكىنىغا كىرىپ، ئەتراپتىكىلەرگە قالايمىقان ئوق چىقىرىشى سەۋەبىدىن 3 كىشىنىڭ نەق مەيداندا قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە، ھۇجۇمدا يەنە 2 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
رايونلۇق ساقچىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، قورال دۇكىنىغا كىرگەن ھۇجۇمچى دۇكان خوجايىنى بىلەن تالاش-تارتىش قىلغان ۋە بۇ جەرياندا قولىدىكى قورال بىلەن قالايمىقان ئوق چىقارغان. دەسلەپتە 1 كىشى قازا قىلغاندىن كېيىن، ئېغىر يارىلانغان 2 كىشىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەق مەيداندا قازا قىلغان.
ساقچىلار ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلىغان.