خىتاينىڭ 2  ھەربىي پاراخوتى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۇسسۇپ كىردى

خىتاينىڭ دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتىگە تەۋە 2  پاراخوتى تالاش-تارتىشلىق سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۇسسۇپ كىردى.

1587536
خىتاينىڭ 2  ھەربىي پاراخوتى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۇسسۇپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئوكىناۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ناھا رايونىغا جايلاشقان 11-رايون دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتايغا تەۋە پاراخوتلار ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۇسسۇپ كىرگەن.

تالاش-تارتىشلىق سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 4:50 ئۆتكەندە، خىتاي پاراخوتلىرى چېگرا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغان ھالدا كۇبا-جىما ئارىلى ئەتراپىدا بېلىق تۇتۇۋاتقان ياپونىيەلىك بېلىقچىلارنىڭ كېمىلىرىگە يېقىنلاشقان.

بېلىقچىلار كېمىلىرى رايونغا يوللانغان ياپونىيە دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتلىرى تەرىپىدىن قوغدالغان.

خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ رايوندىن دەرھال چىقىپ كېتىشى ھەققىدە  ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي پاراخوتلىرى بۇ يىل سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ھازىرغ قەدەر جەمئىي 9 قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۇسسۇپ كىرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر