فېسبۇك بېرما ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇر تارقىتىش ھېسابىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركىتى فېسبۇك ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق خەلق ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالغان بېرما ئارمىيەسىگە تەۋە رەسمىي ئۇچۇر تارقىتىش ھېسابىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

1587598
فېسبۇك بېرما ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇر تارقىتىش ھېسابىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېسبۇك ئېلان قىلغان باياناتىدا، «زوراۋانلىقنى كۈشكۈرتۈپ، تور بېكەتنىڭ ئۆلچەملىرىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلدى» دېگەن سەۋەب بىلەن بېرما ئارمىيىسىگە تەۋە «تاتماداۋ توغرا خەۋەر گۇرۇپپىسى» ناملىق ھېسابنىڭ ئۆچۈرۈپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

فېسبۇك مەسئۇللىرىنىڭ باياناتىدىن كېيىن، ھېساب كىرگىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى. ھەربىي ھاكىمىيەت مەسئۇللىرى بۇ ھەقتە  ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

فېسبۇك 12- فېۋرالدا ماقۇللىغان قارار ئارقىلىق بېرما ئارمىيەسىگە تەۋە ھېسابلار ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ ئاممىغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈنۈگۈن ماندالاي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىپ قاتتىق مۇداخىلە قىلىشى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3 كىشىگە يەتتى.

ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر پىدائىي سەھىيە خادىمى تۈنۈگۈنكى قالايمىقانچىلىقتا ئىككى كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىغا ۋە خىزمەتدىشىنىڭمۇ قازا قىلغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈنۈگۈن ماندالايدىكى نامايىشتا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئاممىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئىككى كىشى قازا قىلىپ، ئالتە كىشى يارىلانغان ئىدى


خەتكۈچ: #بېرما , #فېسبۇك

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر