دونالد ترامپ ئاقسارايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم خەلققە خىتاب قىلىدىغان بولدى

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم خەلققە نۇتۇق سۆزلەيدىغان بولدى.

1587560
دونالد ترامپ ئاقسارايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم خەلققە خىتاب قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان«The Hill » خەۋەرلەر تورى، «ترامپ ئاقسارايدىن ئايرىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خەلققە نۇتۇق سۆزلەيدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.

دونالد ترامپنىڭ فىلورىدا شىتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدە مۇشۇ ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان كونسېرۋاتىپلار سىياسىي ھەرىكىتى جەمئىيىتى (CPAC) نىڭ يىللىق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى، ئەمما يىغىننىڭ كونكرېت ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كامېرا ئالدىدا سۆز قىلماقچى بولغان ترامپنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ سىياسىتى ۋە كونسېرۋاتىپلار ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە سۆز قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلار بىرلەشمىسى ساھىبخانلىق قىلىدىغان يىغىندا، ترامپنىڭ پىلانلانغان نۇتۇقىدا، بولۇپمۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېننىڭ كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ۋە چېگرا سىياسەتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر