ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ناتو ئامېرىكانى رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رۇسىيە بىلەن خىتايغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

1587285
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ناتو ئامېرىكانى رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل  ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاقىرىلغان «مىيۇنخېن بىخەتەرلىك كونفېرانسى» دا سۆز قىلدى.

ستولتېنبېرگ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بۇ يىل بىريۇسسېلدا باشلىقلار يىغىنى چاقىرىش ۋە «يېڭى ترانسئاتلانتىك كۈنتەرتىپ» بېكىتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىنقى يىللاردا ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا بەزى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەمدى تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن، قايتىدىن ئىشەنچ ھاسىل قىلىش ۋە ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشتە ئالدىمىزدا تارىخىي پۇرسەت باردۇر.»

ئۇ، ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكانىڭ ئالدىدا زور خىرىسلارنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنى خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ئىلغار تور ھۇجۇملىرى، ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تېخنولوگىيەلەر، كىلىمات ئۆزگىرىشى، رۇسىيەنىڭ مۇقىمسىزلىق ھەرىكەتلىرى ۋە  تېررورلۇق پائالىيەتلىرى تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىپ، «ھېچقانداق بىر دۆلەت ھېچقانداق بىر قىتئەدە بۇ خىرىسلارغا قارشى ئۆز ئالدىغىلا كۈرەش قىلالمايدۇ» دېدى.

ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكانىڭ ھاكىممۇتلەق كۈچلەر تەرىپىدىن تەھدىت سېلىنىۋاتقان پىرىنسىپلىق خەلقئاراىق تەرتىپنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ستولتېنبېرگ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ««خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن سەپەر پىرىنسىپىنى قايتا يېزىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى، بىخەتەرلىك، پاراۋانلىق ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزغا ئېلىپ كەلگۈسى نەتىجىلەر جەھەتتىن ترانسئاتلانتىك  جەمئىيەتلىرىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە. شۇ ۋەجىدىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق يېقىن ھەمراھلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملىشى ۋە دۇنيا مىقياسىدا يېڭى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىشى كېرەك.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرى، پاراۋانلىق ۋە تەسىر كۈچىنى قوغداش ھەم كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بولۇپمۇ «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش، سودا، دىگىتال تەرەققىيات، مۇھىت سىياسىتىگە ئۆتۈش ۋە ئادىل باج ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلدى، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كۈچلۈك ھەم ئىشەنچىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «كېلىڭلار، شېرىكچىلىكىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيانىڭ كۈچ مەركىزىگە ئايلاندۇرايلى، تەكرار ئامېرىكانى قارشى ئالىمىز.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بولسا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى باسقۇچىدىن كېيىن يەر شارى خاراكتېرلىك كۈنتەرتىپنى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلىشىمىز ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئېھتىياجىمىز بار.»

ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن دىگىتال ئىقتىساد مەسىلىسىدە قانۇن - بەلگىلىمە تۈزۈشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىغا قارىماي، 2020 – يىلى كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلدى، رۇسىيە بولسا، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇردى، شۇڭا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىتتىپاقداش ۋە ئىشەنچىلىك شېرىكلەردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىششى شەرت.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر