ئامېرىكا ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى بىكار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە ئىرانغا قارىتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېمبارگولىرىنى تەكرار يۈرگۈزۈش قارارىنى بىكار قىلدى.

1586766
ئامېرىكا ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يوللىغان مەكتۇبىدا، ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مەزكۇر قارارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرانغا ئۇدا 13 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان قورال – ياراغ ئېمبارگوسىنى يېڭىلاش تەشەببۇسلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان ترامپ ھۆكۈمىتى، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدىكى ئەھدىلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ھەمدە 2020 – يىلى،  20 – ئاۋغۇست كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231 – نومۇرلۇق قارارى ئارقىلىق بىكار قىلىنغان ب د ت نىڭ بارلىق ئېمبارگو قارارلىرىنى قايتىدىن ئاجرا قىلىش مىخانىزىمى (snapback) نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشقا ئەزالىرى كېلىشىمدىن چېكىنگەن بىر دۆلەتنىڭ بۇ مىخانىزىمنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەيدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئېتىرازىغا قارىماي، ئىرانغا قارىتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېمبارگولىرىنى 19 – سېنتەبىر كۈنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئىجرا قىلىشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر