ئامېرىكا پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىگە رەسمىي قايتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بايدىننىڭ ۋەزىپىسىنى باشلاپلا كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىگە قايتىش قارارنامىسىنى ئىمزالىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، ئامېرىكانىڭ بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي ھالدا كېلىشىمنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1587142
ئامېرىكا پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىگە رەسمىي قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكانىڭ بۈگۈن (2021-يىلى 19-فېۋرال) دىن باشلاپ پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىگە رەسمىي قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ يازما باياناتىدا، پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىنىڭ يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە كىلىماتتا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۇقتىسىدىن تەڭدىشى يوق «مۇھىت كېلىشىمى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «2016-يىلى كېلىشىمگە ئىشتىراك قىلىشىمىز، بۈگۈن بولسا كېلىشىمگە قايتىدىن ئىشتىراك قىلىشىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن كېيىنكى ھەپتىلەردە، ئايلاردا ۋە يىللاردا نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىمىز نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردا، كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كۈنتەرتىپكە قويىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «ئەمدى كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە بىلىم دىپلوماتىيەسى تاشقى سىياسەتلەردە ھەرگىزمۇ قوشۇمچە تېما بولمايدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ھەقىقىي تەھدىتلىرىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە بىلىم ئادەملىرىمىزگە قۇلاق سېلىش، بىزنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىمىزدە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەركىزىي مەسىلىلەر بولىدۇ» دېدى.

ئۇ پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ 22-ئاپرېل (2021) ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي رەھبەرلەر كىلىمات يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ 2017-يىلى ئىيۇندا ئامېرىكانىڭ پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە 2019-يىلى 4-نويابىر بۇ كېلىشىمدىن رەسمىي چېكىنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر