ئەنگلىيە بىلەن كانادا بىرما ھەربىي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

ئەنگلىيە بىلەن كانادا بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ئەمەلدارلارغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

1587005
ئەنگلىيە بىلەن كانادا بىرما ھەربىي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە بىرما ئارمىيەسى ۋە ساقچىلىرىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، يىغىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلارغا خىلاپلىق قىلىپ، قالايمىقان ئادەم تۇتقانلىقى ئۈچۈن، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ئەمەلدارلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان يۇقىرى دەرىجىلىك توققۇز گېنېرالغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلامغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا قارشى چىققان نامايىشچىلار، ئەنگلىيە بىلەن كانادانىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ھەربىيلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

نامايىشلارنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى بولغان سىنزار شۇنلېي يى (Thinzar Shunlei Yi) تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ بىرما ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بىرمادىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە بۇنىڭغا ئوخشاش جاۋاب قايتۇرۇشىنى كۈتىمىز» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 2021-يىلى 22-فېۋرالدىكى يىغىنىدىن، بىرما ئارمىيەسىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنىڭ چىقىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان نامايىشچىلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېمبارگو قارارى ئۈچۈن ئەنگلىيە بىلەن كاناداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر