ناتو ئافغانىستاندىن چېكىنىش مەسىلىسىدە قارار چىقىرالمىدى

ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئىتتىپاقنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ياكى تۇرۇشى مەسىلىسىدە قارار چىقىرالمىدى. ئىراقتا ناتو قىسمىنى كېڭەيتىش مەسىلىسىدە بولسا، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

1586619
ناتو ئافغانىستاندىن چېكىنىش مەسىلىسىدە قارار چىقىرالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ سىن يىغىنى شەكلىدە ئېچىلغان ۋە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار قاتناشقان ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى كۈن يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى.

ئۇ يىغىندا ئافغانىستان بىلەن ئىراقتىكى ناتو قىسىملىرى توغرسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم بويىچە، 2021-يىلى 1-مايدا ئافغانىستاندىكى خەلقئارالىق قىسىملارنىڭ چېكىنىشى مەسىلىسىدە قارار چىقىرالمىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسى ئاستا ئىلگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قوللاۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە ئىراق توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«ئىراق قىسىملىرىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىدا قوللاش ۋە دائېشنىڭ ئىككىنچى قېتىم پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ناتو قىسىملىرىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدۇق. قىسمىمىز 500 كىشىدىن 4 مىڭغا چىقىرىلىدۇ. تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا، ئىراق ئورگانلىرى بىلەن باغداد سىرتىدىكى رايونلارنى كۆپىرەك قاتناشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ناتونىڭ ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئىراقتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ خىزمەتلەر ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، ئىراقتىكى ناتو قىسىملىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ كانادادىن دانىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر