مىشېل رۇھانى بىلەن تېلېفونلاشتى

چارلىز مىشېل ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.

1586630
مىشېل رۇھانى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل، ئىران بىلەن خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ يادرو كېلىشىمى سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن دىپلوماتىيەگە بوشلۇق ئېچىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چارلىز مىشېل ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، چارلىز مىشېل ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، «يادرو كېلىشىمى» دەپ ئاتىلىۋاتقان «بىرلەشمە ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت پىلانى» توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مىشېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشىمنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىراننىڭ كېلىشىمدىكى ۋەدىسىدىن ۋاز كېچىشىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئىجابىي قەدەملەر ئارقىلىق قوللاپ - قۇۋۋەتلەنگەن دىپلوماتىيەساھەسىنى قوغداشنىڭ بۇ باسقۇچتا ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشىمنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىشېل، كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەرىكەتلەر ئارقىلىق يەرشارى تىنچلىقىنى ساقلاپ قالغىلى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

ئىران يادرو كېلىشىمى

«بىرلەشمە ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت پىلانى» ناملىق يادرو كېلىشىمى، ئىراننىڭ يادرو ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، بۇنىڭ بەدىلىگە جازانىڭ بىكار قىلىنىشىنى كۆزلەپ، 2015 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى — ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي، بۇنىڭدىن باشقا گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغانىدى.

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ۋاشىنگتون كېلىشىمدىن چېكىنىپ، ئىرانغا جازا يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى.

كېلىشىمگە تەرەپ باشقا دۆلەتلەردىن ۋاشىنگتوننى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن ئىران، 2019 – يىلى ئىيۇلدا يادرو كېلىشىمىنىڭ بەزى ماددىلىرىنى، 2020 – يىلى 5 – يانۋاردا كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن بارلىق ئەھدىلىرىنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر