خىتاي پىلانلىق تۇغۇتنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەييارلاندى

خىتاي ھۆكۈمىتى تۆۋەنلەۋاتقان تۇغۇت نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بەزى ئۆلكىلەردە پىلانلىق تۇغۇت ۋە پەرزەنت كۆرۈشكە قويۇلغان چەكلىمىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەييارلانماقتا.

1587141
خىتاي پىلانلىق تۇغۇتنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەييارلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، دۆلەتنىڭ كونا سانائەت رايونى بولغان شەرقىي شىمالدىكى خېيلوڭجياڭ، جىلىن ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىلىرىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئىقتىساد، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئاساسىي جامائەت خىزمەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

يۇقىرىدىكى ئۆلكىلەردىكى ياش نوپۇسنىڭ باشقا شەھەرلەرگە ئىشلەش ئۈچۈن كېتىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي سىستېما، سانائەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۆزگەرگەن ئەھۋالدا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ۋە بۇ ئېلىپ كېلىدىغان ئىجتىمائىي خەتەرلەرنىڭ ئانالىز قىلىنىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

خېيلوڭجياڭ، جىلىن ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتنىڭ، نوپۇس سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە «سىناق پىروگرامما» بولۇپ قېلىشى پەرەز قىلىنماقتا. 2015-يىلى خىتايدا يولغا قويۇلغان «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، «ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق سانىنىڭ كۆپىيىشىگە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان تۇغۇت نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەنلىگەن.

 

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خىتايدا تېز كۆپىيىۋاتقان نوپۇسنى كونترول قىلىش ئۈچۈن 1970-يىللاردا قەدەممۇ قەدەم يولغا قويۇلغان بولۇپ، شەھەرلەردىكى ئائىلىلەرگە بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىنغان ئىدى. يېزا نوپۇسىدىكىلەرگە بولسا، بىرىنچى پەرزەنتى قىز بولغان ئەھۋالدا ئىككىنچى پەرزەنتى بولۇشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىدى.

خىتاي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 2017-يىلىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 2030-يىلىغا بارغىچە 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر