ھىندونېزىيەدە يەر كۆچكىنىدە قازا قىلغانلار سانى كۆپەيدى
ھىندونېزىيەدە 14 – فېۋرال كۈنى ياغقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر كۆچكىىدە قازا قىلغانلار سانى 18 گە يەتتى.
1586906
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نگېتوس يېزىسىدا يۈز بەرگەن يەر كۆچكىنىدىن كېيىن، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا يەنە 6 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 18 گە يەتكەن يەر كۆچكىنىدە، يوقاپ كەتكەن يەنە بىر كىشىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
21 كىشى تۇپراق ئاستىدا قالغان ۋەقەدە ھازىرغىچە 2 كىشى تىرىك قۇتقۇزۇۋېلىنغانىدى.