دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 110 مىليون 800 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 454 مىڭ 216 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 110 مىليون 929 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 85 مىليون 871 مىڭدىن ئاشتى.

1586800
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 110 مىليون 800 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 505 مىڭ 309 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئامېرىكادا، يۇقۇملانغانلار سانى 28 مىليون 523 مىڭ 520 دىن ئاشتى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 454 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 12 مىڭ 57 كىشى يۇقۇملاندى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 119 مىڭ 387 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىليون 83 مىڭ 242 گە يەتتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىقىنى ئەملەتكەنلەر 16 مىليون 423 مىڭغا يەتتى. بۇلاردىن 573 مىڭ 724 كىشىگە ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەندى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 347 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 94 مىڭ 887 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 13 مىڭ 762 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 765 مىڭ 412 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 271 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 83 مىڭ 393 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 22 مىڭ 501 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 3 مىليون 536 مىڭ 648 گە چىقتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 388 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 66 مىڭ 704 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 14 مىڭ 515 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 3 مىليون 121 مىڭ 687 گە چىقتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 85 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 13 مىڭ 745 كىشى يۇقۇملاندى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 156 مىڭ 123 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىليون 963 مىڭ 394 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 13 مىڭ 220 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 657 مىڭ 453 كىشى يۇقۇملانغان ئىراقتا، ئەنگلىيەدە كۆرۈلگەن يېڭى تۈر ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىراقنىڭ كەركۈك رايونىدا سىرتقا چىقىش چەكلەندى، قارار بويىچە، جۈمە، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى كوچىغا چىقىش تولۇق بىر كۈن، باشقا كۈنلەر ئىككى ھەپتە بويىچە كەچتە 20:00 دىن ئەتىگەن سائەت 05:00 كىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

پەلەستىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ يەكشەنبە (2021-يىلى 21-فېۋرال) دىن باشلاپ بوشىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2 مىڭ 155 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 193 مىڭ 418 كىشى يۇقۇملاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر