بىرمادا بىر نامايىشچى جېنىدىن ئايرىلدى

بىرمادىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، بىر نامايىشچى بېشىغا خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئاتقان پلاستىك ئوقنىڭ تېگىشى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

1587001
بىرمادا بىر نامايىشچى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما پايتەختىدە 2021-يىلى 9-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا باش قىسمىدىن ئېغىر يارىلانغان 20 ياشلىق ميا سۋاتې خەيىڭ (KhaingThwate Mya) دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلدى.

ميا سۋاتې خەيىڭ 2021- يىلى 6-فېۋرالدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى باشلانغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردا خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان بىرىنچى نامايىشچى بولدى.

بىرمادا نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان پەيتلەردە، ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ نامايىشلارغا قارشى تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر يۆتكەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ب د ت مۇستەقىل مۇپەتتىشى توم ئاندجۇس (Tom Andrews) بىرما ساقچىلىرىنىڭ نامايىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئارمىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكانغا ئوخشاش نوپۇسى كۆپ شەھەرلەرگە ئورۇنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىرما خەلقى ئارمىيەنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئەسكەرلەرنى شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش مېنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ خەلقنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە كۈتكەندىن قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئارمىيە ۋەزىيەتكە قول تىققاندا جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

بىرما ئارمىيەسى ئۆزىگە يېقىن سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە دۆلەتتە كۈچەيگەن جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن 2021-يىلى 1-فېۋرال ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر