چادتا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتى چادنىڭ جەنۇبىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا ئوتلاق مەسىلىسى سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 35 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1585812
چادتا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سالامات رايونى ئەمەلدارى مارا مائاد، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ بىر ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

توقۇنۇشنىڭ 15 - فېۋرالدا باشلانغانلىقىنى بايان قىلغان مائاد، رايوننىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

نويابىردا دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى كاببىيە رايونىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش توقۇنۇش يۈز بېرىپ 22 ئادەم قازا قىلغانىدى.

چادنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلار بىلەن كۆچمەن چارۋىچىلار ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتلاق مەسىلىسى ۋە پادىلارنىڭ تېرىلغۇلارغا زىيان سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ: #توقۇنۇش , #چاد

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر