ب د ت باش كاتىپى ۋاكسىنا تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنىڭ باراۋەر ۋە ئادىل تارقىتىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1585826
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنىڭ باراۋەر ۋە ئادىل تارقىتىلمىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «نۆۋەتتە ۋاكسىنىنىڭ 75 پىرسەنتىنى پەقەت 10 دۆلەت ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، 130 دىن ئارتۇق دۆلەتكە بىر قۇتىمۇ ۋاكسىنا ئەۋەتىلمىدى» دېدى.