ئۇغۇر شاھىن: يۇقۇم ئالدىمىزدىكى ئون يىل بويىچە مەسىلە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان گېرمانىيە بىيوتېخنىكا شىركىتى — نىڭ قۇرغۇچى شېرىكى، پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن يۇقۇم ۋە ۋاكسىنا توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

1585130
ئۇغۇر شاھىن: يۇقۇم ئالدىمىزدىكى ئون يىل بويىچە مەسىلە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان گېرمانىيە بىيوتېخنىكا شىركىتى — <بىئونتېك> نىڭ قۇرغۇچى شېرىكى، پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن ۋىرۇسنىڭ كەلگۈسى 10 يىلدا مەسىلە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىز 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىدۇق، بىراق يەنە قولغا كەلتۈرۈلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. ۋاكسىنىمىزنى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشنى خالايمىز» دېدى.

دۇنيا بانكىسى بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تۈرك خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتى، <بىئونتېك> نىڭ قۇرغۇچىسى ئۇغۇر شاھىن ۋە رەپىقىسى دوكتور ئۆزلەم تۈرەجىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن «تارقىلىشچان زۇكامنى يېڭىشتە خەلقئارانىڭ  ھەمكارلىقى» دېگەن تېمىدا سىن يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

ئۇغۇر شاھىن ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشتىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ۋىرۇسنىڭ بىز بىلەن تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق، بۇ پەقەت 2021- ۋە 2022- يىلىنىڭ ئۆتكۈنچى مەسىلىسى ئەمەس. بەلكى كەلگۈسى 10 يىلنىڭ مۇشەققەتلىك مەسىلىسى» دېدى.

ۋاكسىنانىڭ تارقىتىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىدە باراۋەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئۆزلەم تۈرەجىمۇ خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر