دۇبەي مەلىكىسى لاتىفەنىڭ بىر ۋىدېئوسى ئاشكارىلاندى

2018-يىلى دۆلىتىدىن قاچماقچى بولغاندا تۇتۇلۇپ قالغان دۇبەي ئەمىرىنىڭ قىزى مەلىكە لاتىفەنىڭ دوستلىرىغا مەخپىي ئەۋەتكەن بىر ۋىدېئو ئاشكارىلاندى. ۋىدېئودا مەلىكە لاتىفە دادىسىنى «ئۆزىنى گۆرۈدە تۇتۇش» بىلەن ئەيىبلەيدۇ.

1585302
دۇبەي مەلىكىسى لاتىفەنىڭ بىر ۋىدېئوسى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇبەي ئەمىرى بىن راشىد ئەل مەختۇمنىڭ قىزى مەلىكە لاتىفە دۆلىتىدىن قېچىپ كەتمەكچى بولغان، ئەمما تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى.

مەلىكە لاتىفە دۇبەيگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىشتىن بۇرۇن دوستلىرىغا ۋىدېئو ئەۋەتىپ، بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى بايان قىلغان ئىدى.

مۇنچىدا يانفون بىلەن تارتىلغان ۋىدېئودا، مەلىكە لاتىفە دادىسىنى ئۆزىنى «گۆرۈدە تۇتۇش» بىلەن ئەيىبلەيدۇ.

ئۇ: «دېرىزىسى ۋە ئىشىكلىرى قۇلۇپلانغان بىر داچىدا گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىمەن. سىرتتا بەش، ئىچىدە ئىككى ساقچى بار. مەن ھەر قانداق شەكىلدە ھاۋالىنىش ئۈچۈن سىرتقا چىقالمايمەن» دېدى.

مەلىكە لاتىفە قاچان ئەركىنلىككە چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە جان بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ قانداق تۇتۇپ كېلىنگەنلىكىنىمۇ بايان قىلىپ، قاچقان قولۋاققا تۇتۇشقا كەلگەن ئەسكەرلەرگە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، پەشۋا ئاتقانلىقىنى، ھەتتا بىر ئەسكەرنىڭ قولىنى چىشلىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلىكە لاتىفەنىڭ ۋىدېئوسى دوستلىرى ۋە بىر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تەرىپىدىن ب ب س غا بېرىلدى.

مەلىكە لاتىفە 2018-يىلى بىر فىرانسۇزنىڭ ياردىمى بىلەن دۇبەيدىن قولۋاق بىلەن قېچىپ ھىندىستان دېڭىز تەۋەلىكىگە كەلگەندە تۇتۇلۇپ قالغان ۋە قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئىدى.

دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى مەلىكە خالىمىسىمۇ دۇبەيگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭ «ئېلىپ قېچىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «لاتىفەنى قويۇپ بەر» نامىدا سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر