بابتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى باب ناھىيەسىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ بىر پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1585374
بابتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى باب ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بىر كىشى قازا قىلدى، ئۈچ كىشى يارىلاندى.

ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى پارتلاش پەيدا قىلغان ئوت ئاپىتىگە مۇداخىلە قىلدى.

پارتلاش ئەتراپتىكى دۇكان ۋە ئاپتوموبىللارغىمۇ زىيان يەتكۈزدى.

نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان يەرلىك خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دىققىتىنى ھۇجۇمنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىماللىقىغا مەركەزلەشتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر