ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ مانېۋىرىغا ھىندىستانمۇ قاتناشتى

ئىران ۋە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرى ئۇممان دېڭىز ۋە ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىدا ئۆتكۈزگەن مانېۋىرغا، ھىندىستاننىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1584807
ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ مانېۋىرىغا ھىندىستانمۇ قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيودى خەۋىرى: ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ھۈسەيىن خانزادە دۆلەت تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۈگۈن (2021-يىلى 16-فېۋرال) باشلانغان «دېڭىزچىلىك خەۋپسىزلىك چەمبىرىكى» دەپ نام بېرىلگەن ئىككى كۈنلۈك مانېۋىر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭمۇ ئىران ۋە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن مانېۋىرغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇرۇنقى مانېۋىرغا خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى قاتناشقان ئىدى. بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئۇلارنىڭ چاغىنىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن قاتناشمىدى. بۇ يىلقى (2021) مانېۋىرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ قاتناشقانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مانېۋىرغا قاتنىشىشى ناھايىتى مۇھىم» دېدى.

مانېۋىرنىڭ باياناتچىسى گۇلام تەھانى، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ ھىندى ئوكياننىڭ شىمالى ۋە ئۇممان دېڭىزىغا 17 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان كەڭ جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇلام تەھانى خەلقئارالىق دېڭىز سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى كۈرەش، دېڭىز تېررورىزمى، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ساھەلىرى بويىچە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە تاكتىكىلىق ھەرىكەتلەر بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلارنىڭ، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ مەقسىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

2019-يىلى دېكابىر ئېيىدىمۇ ئوخشاش رايوندا، ئىران، رۇسىيە ۋە خىتاي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر