ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىنقى بىر ھەپتىدە دۇنيادىكى ئوخشىمىغان ئالتە رايوندا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە %17 تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۆت ھەپتىدىن بۇيان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.
يېقىنقى بىر ھەپتىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك 3.15 مىليون ۋەقە قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئىلگىرىكى بىر ھەپتىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %17 لىك تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. بۇ سان ئەنگلىيەدە %25، ئامېرىكادا %20 ۋە بىرازىلىيەىدە %10 بولغان.
بىراق، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېڭى تۈرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ، ۋابانىڭ يۈزلىنىشىگە سەلبىي جەھەتتىن تەسىر قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. چۈنكى ۋىرۇسنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىنىڭ، بولۇپمۇ بىر قانچىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە تارقىلىشچان ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
بۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرى ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا ئەندىشەلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.