خىتايدىكى ئويۇن باغچىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە 16 كىشى يارىلاندى

خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىكى ئويۇن باغچىسىدا ئايلانما ئىلاڭگۇچ ئورۇندۇقلىرى يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، 16 كىشى يارىلاندى.

1583321
خىتايدىكى ئويۇن باغچىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە 16 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇنەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق شاۋياڭ ناھىيەسىدىكى باغچىدا، ئايلانما ئىلاڭگۇچ ئاستىلىشى بىلەن ئورۇندۇقلار يەرگە چۈشۈپ كەتتى.

«مېخانىكىلىق كاشىلا» سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان ھادىسىدە، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان خىتايلارنىڭ بەزىلىرى ئەتراپقا سورۇلۇپ كەتكەن.

ۋەقەدە 16 كىشى يارىلانغان بولۇپ، بۇلاردىن 3 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى ۋە باغچىنىڭ پائالىيىتى توختىتىلدى.

ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلاندى.


خەتكۈچ: #ۋەقە , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر