خىتاي ئۆزەك توپلاشنى باشلىۋەتكەن

ئامېرىكانىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈززۈشى سەۋەبىدىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزەك توپلاشقا باشلىدى.

1577412
خىتاي ئۆزەك توپلاشنى باشلىۋەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا يۇقىرى تېخنىكىغا ئېرىشىشتە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئۆزەك ئىمپورت قىلىش مىقدارى كۆپەيدى.

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن ئۆيدە ۋە يىراقتا تۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا يۈزلىنىش، كومپىيۇتېر بىلەن ئەقىللىق تېلېفونغا بولغان تەلەپنى ئاشۇردى. بۇ ئۆزەك بازىرىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئەھمىيىتىنى كۈچەيتتى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانى ئالدىمىزدىكى بىر قانچە يىل ئىچىدە يەرلىك ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش. بىراق، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشقا، نۇرغۇن يىل سەرپ قىلىنىدىغان ئۇل-ئەسلىھە ۋە تېخنىكا سېلىنمىلىرى لازىم.

خۇاۋېيغا ئوخشاش خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېمبارگولارغا دۇچار بولۇشى، بېيجىڭنى ئۆزەك توپلاشقا يۈزلەندۈردى. خىتاينىڭ بىر يىلدا ئۆزەك ئىمپورت مىقدارى %20 ئېشىپ، قىممىتى 380 مىليارد دوللارغا يەتتى.

خىتاي ئۆزەكنىلا ئەمەس، ئۆزەك ماشىنىلىرىنىمۇ ئىمپورت قىلىشقا باشلىدى. ئۆتكەن يىلى (2020) ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدىن 32 مىليارد دوللارلىق ئۆزەك ماشىنىسى سېتىۋالدى. بۇ ماشىنىلارنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن كۆپ ئارقىدا بولۇشى، ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر