ب د ت: ئافغانىستاندىكى تۈرمىلەردە مەھبۇسلار قىيىن-قىستاققا ۋە خورلىنىشقا ئۇچرىماقتا

ئافغانىستاندىكى تۈرمىلەردە مەھبۇسلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ۋە ناچار مۇئامىلىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1576917
ب د ت: ئافغانىستاندىكى تۈرمىلەردە مەھبۇسلار قىيىن-قىستاققا ۋە خورلىنىشقا ئۇچرىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ياردەم ئەترىتى (UNAMA) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئافغانىستان تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ قانۇنىي مەسىلىلىرىگە سەل قارىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ياردەم ئەترىتى (UNAMA) ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى 63 تۈرمىدە مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشۈپ دوكلات تەييارلىدى.

 دوكلاتتا، «ئافغانىستاندا مەھبۇسلار قىيىن-قىستاققا ۋە خورلاىشقا ئۇچرىماقتا» دېيىلدى.

قىيناش ۋە ناچار مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئافغانىستان قانۇنىغا شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەھبۇسلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماستىن، تۈرمىلەردىكى قىيىن-قىستاقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، تالىباننىڭ كونتروللۇقىدىكى تۈرمىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوقلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قىيناشقا دائىر ئەڭ كۆپ شىكايەت كېلىۋاتقان ۋىلايەتنىڭ قەندىھار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، قىيىن-قىستاق ۋە ناچار مۇئامىلىلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر