بىرمادا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى يىغىنى ئېچىلدى

بىرمادا 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى توغرىسىدا باشلانغان تالاش-تارتىشلارنىڭ ئارقىسىدىن 1-فېۋرال (2021) يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، يېڭى كابېنتنىڭ بىرىنچى يىغىنى ئېچىلدى.

1576394
بىرمادا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگىنى يېڭى كابېنتنىڭ بىرىنچى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ۋە پىرېزىدېنت مىن ئاڭ خلايىڭ (Min Aung Hlaing)، پىرېزىدېنت ۋەكىلى ميىنت سۋې (Myint Swe) ۋە تۈنۈگۈن (2021-يىلى 2-فېۋرال) ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان مىنىستىرلارنىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن توققۇز كابېنت ئەزاسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يىغىندا، مىن ئاڭ خلايىڭنىڭ بىر يىل داۋاملىشىدىغان جىددىي ھالەت دائىرىسىدە، ھەرىكەت پىلانىنىڭ مىنىستىرلار بىلەن مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

دۆلەت ئىچى قاتناش ۋە ساياھەتنىڭ داۋاملىشىشى، ئىبادەتخانىلارنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەدبىرلىرىگە مۇۋاپىق ھالدا ئىقتىسادىي ساھەنىڭ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىمكانىيەتلىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ كابېنت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەربىي ئۆزگىرىشتىن بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ئاڭ سان سۇچىنىڭ پارتىيەسى-دۆلەت دېموكراتىيەسى بىرلەشمىسى، سۇچىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جايدا سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پارتىيەنىڭ باياناتىدا، مەسئۇل دائىرىلەرنىڭ سۇچىنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتنىڭ بېرىلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بىرمادا 2021-يىلى 1-فېۋرال يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 2-فېۋرال) 24 مىنىستىر ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇلارنىڭ ئورنىغا 11 يېڭى مىنىستىر ۋەزىپىگە قويۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر