كۇبادا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسى يۈز بەردى
كۇبانىڭ شەرقىدىكى ھولگۇئىن شەھىرىدە ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 5 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1574003
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مېدىئا ئورگىنى BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇبا ئىنقىلابىي قوراللىق ئارمىيەسى، ھولگۇئىن شەھىرىدىن گۇئانتاناموغا قاراپ كېتىۋاتقان كۇبا ئارمىيەسىگە ئائىت ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، قازادا تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى 5 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئارمىيە تەرەپنىڭ قازانىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
كۇبادا 2018 – يىلى يۈز بەرگەن ئايروپىلان قازاسىدىمۇ 112 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.