دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى ۋۇخەندىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىدى

«كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە كەتكەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

1573970
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى ۋۇخەندىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى، ساھەدىكى تۇنجى تەكشۈرۈشى ئۈچۈن، يۇقۇم ئوتتۇرىغا چىققان دەسلەپكى كۈنلەردە بىمارلار داۋالانغان خۇبېي خىتاي ۋە ۋە غەرب تېبابىتى ئۇنىۋېرسال رايونلۇق دوختۇرخانىسىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەت زىيارەت ھارپىسىدا لياڭ ۋاننىيەن باشچىلىقىدىكى خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى ھەيئەتلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان خۇەنەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يېمەكلىك بازىرى ۋە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ئىنستىتۇتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلانلىماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە، گوللاندىيە، قاتار ۋە ۋېيتنامدىن مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت، 14 – يانۋار كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ۋۇخەن شەھىرىگە كەتكەنىدى.

شەھەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، 14 كۈنلۈك كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان ھەيئەت، بۇ باسقۇچتا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن تور يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرغانىدى.

دۇنيا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدىن تۇنجى قېتىم، 2019-يىلى،  31 – دېكابىر كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە «مەنبەسى نامەلۇم سىرلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدىن،  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى ئارقىلىق خەۋەر تاپقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر