دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 200 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 201 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 102 مىليون 41 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 73 مىليون 882 مىڭدىن ئاشتى.

1573507
دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 200 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يېڭىدىن 2 مىڭ 230 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 443 مىڭ 769 غا چىققان، 95 مىڭ 537 كىشىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 26 مىليون 338 مىڭ 607 گە چىققان ئامېرىكادا، نىيۇ يورك ئىشتاتىدىكى سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ ساناتورىيەلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەرنى %50 ئاز دوكلات قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئۆزگەرگەن، تېز تارقىلىدىغان تۈرىنىڭ تۇنجى قېتىم كارولىنا ئىشتاتىدا ياشايدىغان ئىككى كىشىدە بايقالغانلىقى قەيت قىلىندى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس (Antonio Guterres) نىيۇ يورك شەھىرىدە يولغا قويۇلغان 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنى ئەملەش خىزمىتىنى قوللاش ۋە ۋاكسىنانىڭ پايدىلىق، بىخەتەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ۋاكسىنا ئەملەتتۈردى.

ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش سۈرئىتى تېز بولمىدى. نىيۇ يوركتىكى دىنىي رەھبەرلەر، ۋاباغا قارشى ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مەھبۇسلارنى ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىسىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 506 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 155 مىڭ 145 كە چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مېكسىكا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 154 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ھىندىستاننى ئارقىدا قالدۇرۇپ، دۇنيادا ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۆلۈم كۆرۈلگەن ئىككىنچى دۆلەت بولۇش ئۇنۋانىنى قولغا كەلتۈردى.

ئوخشاش ۋاقىتتا، 18 مىڭ كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 825 مىڭ 519 غا چىقتى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 239 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 28 مىڭ 680 كىشى يۇقۇملاندى. ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي ئۆلۈم سانى 103 مىڭ 126، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 743 مىڭ 734 كە چىقتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 515 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 57 مىڭ 806 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 34 مىڭ 899 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 792 مىڭ 360 قا چىقتى. دۆلەتتىكى مەھبۇسلار ئارىسىدا يېقىنقى 15 كۈندە بايقالغان يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ ئىككى ھەسسە ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 348 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 74 مىڭ 800 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 23 مىڭ 770 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 3 مىليون 130 مىڭ 629 غا چىقتى.

فىرانسىيە سەھىيە مىنىستىرى ئولىۋىيېر ۋېران (Olivier Veran) يانۋار ئېيىنىڭ بېشىدىن باشلاپ كۈنلۈكى 500 بولغان تۈرى ئۆزگەرگەن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك يۇقۇملىنىش سانىنىڭ 2 مىڭلەرگە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى گابرىيېل ئاتتال (Gabriel Attal) كېيىنكى كۈنلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2 مىڭ 71 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 197 مىڭ 208 كىشى يۇقۇملاندى. دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى يەنە ئۈچ ھەپتە ئۇزارتىش قارار قىلىندى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، ۋىرۇس سەۋەبىدىن 154 مىڭ 47 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 10 مىليون 720 مىڭ 971 كىشى يۇقۇملاندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 5 مىڭ 361 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 375 مىڭ 607 كىشى يۇقۇملانغان ياپونىيەدە، پارلامېنت ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا، 183.8 مىليارد دوللارلىق مالىيە يىلىنىڭ ئۈچىنچى قوشۇمچە خامچوتىنى تەستىقلىدى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ بايقالغان جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 555 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 43 مىڭ 105 كە چىقتى. 1 مىليون 437 مىڭ 798 گە چىقتى.

لىۋاندا 2 مىڭ 621، ماراكەشتە 1 مىڭ 224 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر