ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئاسترا زېنېكا كېلىشەلمىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئاسترا زېنېكا دورا شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تەتقىق قىلىپ ياسالغان ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىدا كۆرۈلگەن ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش توغرىسىدا كۆرۈشتى، ئەمما ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىدى.

1572812
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئاسترا زېنېكا كېلىشەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ستېللا كيرىياكىدېس (Stella Kyriakides) تۋىتتېردا، ئاسترا زېنېكا شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى پاسكال سورىيوت (Pascal Soriot) بىلەن مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە تەستىقلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان ۋاكسىنانى تەمىنلەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ مۇزاكىرەنىڭ «ئىجابىي مۇھىت ئىچىدە» ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شىركەتنىڭ كېلىشىمگە بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئۇ: «تاپشۇرۇش ئىشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئېنىقسىزلىقلاردىن بىئارام بولۇۋاتىمىز. ئاسترا زېنېكادىن يىلنىڭ تۇنجى چارىكى ئۈچۈن توپلانغان ۋاكسىنالارنى تېز سۈرئەتتە تاپشۇرۇشى ئۈچۈن ئېنىق پىلان تەلەپ قىلىمىز. ۋاكسىنالارنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىغا تېز يەتكۈزۈش ئۈچۈن شىركەت بىلەن چارىلەر ئۈستىدە داۋاملىق بىرلىكتە ئىزدىنىمىز» دېدى.

ئاسترا زېنېكا يىلنىڭ تۇنجى چارىكىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشنى %60 ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ چىققان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ياز ئايلىرىدا شىركەتنىڭ400 مىليون شىشە ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئاسترا زېنېكا مەسئۇللىرى بولسا، كېلىشىمدە تەمىنلەش توغرىسىدا «ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش» كە مۇناسىۋەتلىك بىر ماددىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئېنىق تەمىنلەش ۋاقتىغا بويسۇنۇشنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئاسترا زېنېكانىڭ ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشتە كېچىكىشىگە، بېلگىيەدىكى فابرىكادا چىققان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىيونتېك (BioNTech) بىلەن تەتقىق قىلىپ ياسالغان ۋاكسىنانى بېلگىيەدىكى فابرىكادا ئىشلەپچىقارغان فايزېر (Pfizer)، ئۆتكەن ھەپتە قىسقارتقان تەمىنلەش سەۋىيەسىنى نورمال سەۋىيەگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر