دۇنيانىڭ ئەڭ خەتەرلىك خاككېرلار شايكىسى بىتچىت قىلىندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ساقچى تەشكىلاتى — ياۋروپول، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق «ئېموتېت» ناملىق يەرشارى خاككېرلار شايكىسىنى بىتچىت قىلدى.

1572991
دۇنيانىڭ ئەڭ خەتەرلىك خاككېرلار شايكىسى بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ساقچى تەشكىلاتى — ياۋروپول يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىلارغا نەچچە مىليارد دوللار زىيان سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خاككېرلىق تورىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ياۋروپول بىلەن ياۋروپا ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورگىنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى گوللاندىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ، لىتۋا ۋە ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ يېقىندىن قوللىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

باياناتتا، ياۋروپول ۋە ياۋرو رايونى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىدا ئىشلىتىلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىنى يىراقتىن تىزگىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە «ئېموتېت» ناملىق ماشىنا ئادەم ئارمىيەسىنى تولۇق كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانلىقى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى— FBI مۇ ماسلاشقان بۇ قېتىمقى ھەرىكەت جەريانىدا مەزكۇر شايكىنىڭ كانادا پۇقراسى بىر ئەزاسىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان كىشىنىڭ ئامېرىكادىكى مەكتەپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە دوختۇرخانا قاتارلىق ئورگانلارنىڭ كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى پاسسىپلاشتۇرۇپ، ئۆزى بېكىتكەن تۆلەم تۆلىنىپ بولغۇچە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز سىستېمىسىغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان شايكا ئەزاسى كانادا پۇقراسىنىڭ 500 مىڭ دوللارلىق شىفىرلىق پۇل بىلەن بىرلىكتە قولغا چۈشكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.


خەتكۈچ: #خاككېر

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر