دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى خىتايدا كارانتىن قىلىنغان

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ يىلتىزىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا بارغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى كارانتىندىن چىقىپ تەكشۈرۈشلىرىنى باشلىدى.

1572832
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى خىتايدا كارانتىن قىلىنغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يىلتىزىنى تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلىش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ بارغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەيئىتى 14 كۈنلۈك كارانتىندىن كېيىن، ۋۇخەندە قالغان مېھمانخانىدىن سىرتقا چىقىپ ئاپتوبۇسقا چىقىۋاتقاندا كۆزلەرگە چېلىقتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يىلتىزىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋۇخەندە نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىرىنى قىلىشى پىلان قىلىنماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، كارانتىندىن چىققاندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈشلەردە خىتاي تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ئورتاق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھەمكارلىق جەريانىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتىگە ماسلىشىپ قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە، گوللاندىيە، قاتار ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن 13 كىشىلىك ھەيئەتنىڭ 14 كۈنلۈك كارانتىندا، خىتاي مەسئۇللىرى بىلەن تور يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

دۇنيا ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن، 2019-يىلى 31-دېكابىر خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە «مەنبەسى ئېنىق بولمىغان سىرلىق نەپەس يولى كېسەللىكى» نىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بىلدۈرۈشى بىلەن خەۋەر تاپقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر